
作词 : Ruhsi
作曲 : Ruhsi
编曲 : Ruhsi
ھە شۇ بالام ، سەنمۇ كىچىك بالا ئەمەس ،
نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇق كۈنلەرنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزدۈڭ .
ئاچ-توقمۇ قالدىڭ كىشىنىڭ شەھىرىگىمۇ باردىڭ .
ئەل ـ ئاغىنە دېگەن بىلەن . ئۇلارمۇ باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ،
يەنىلا مەيلى ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن قېرىنداشتىن باشقىسى بىكار .
!دوستنىمۇ تۇتۇش كېرەك ، ئەمما تاللاپ تۇتۇش كېرەك
ئەي دۇنيا ، بۈگۈن سېغىنىشىمنى باسالمىدىم
مەيلىمگە قويۇۋەت مېنى ئۇلاردىن باشقىنى يازالمىدىم
يېنىڭلاردا بولسام بولاتتى . لېكىن ھەمراھ بولالمىدىم
دادا-ئاپا سىلەرنى بەكلا، بەكلا سېغىندىم
يالغۇزلۇقۇم چاندى ئانا سەن يوق شەھەرلەردە
يېنىمدا ئىدىڭ جېنىم دادا ، ھەر بىر سەھەرلەردە
غېرىبسىنغان شۇ كۈنلەردە ئوغلۇڭ يىراقتا ، دادا ،
لېكىن ساڭا دىيەلمەيمەن ئېزىلىپ كەتتى يۈرەكلەر
تېلېفوندا ئەھۋالىمنى سورۇدۇڭ ئانا ئىچكىردە كۈنلىرىم ياخشى دەيمەن
ئەنسىرىمەڭلار پۇلۇم بار ، ئۈچ ۋاق تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا يەيمەن
دەردلىرىمنى تۆككۈم بار ، لېكىن كۆزۈمدە لىق ياش چاندۇرمىدىم
بەلكىم كۆڭلۈڭ تۇيۇپ قالىدۇ ساڭا قانداق دېيەلەيمەن
ئوقۇشۇممۇ پۈتتى ئانا ئۆيۈمگە قايتقۇم كەلدى
ئىسسىق تاماق ، ئىللىق باغرىڭلارغا ئۆزۈمنى ئاتقۇم كەلدى
سىلەر يوق يەردە ئاخسالىق،نوچىلىقمۇ ياراشمايدىكەن ،
ئەمدى چوڭ بولدۇم دادا ئۈمىدىڭنى ئاقلىغۇم كەلدى
...ئانا
قايتىپ بارىمەن يېنىڭغا،
...ئانا
ئاق يول تىلە يولۇمغا
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ تۇرمۇشقا چۆكۈپ كېتىسەن ،
كۆزۈڭدە لىق ئۇيقۇ، كۆزۈڭ ئوچۇق خىياللارغا چۆكۈپ كېتىسەن .
مەن تېخى ھايات دەيسەن قىيىنچىلىق بېشىڭنى ئەگكەندە،
لاياقەتلىك ئەر بولغۇچە مىڭ ئۆلۈپ مىڭ قېتىم تىرىلىپ كېتىسەن،
ياشلىقىڭمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەك،
كۈلكىلەرمۇ ئازلاپ كېتىدۇ ئامەتلىرىڭ قاچقاندەك،
سەن ئالدىرىغاندا ۋاقىت ئەمەس ، قەدەملىرىڭ توختاپ قالىدۇ،
ئىزلىرىڭمۇ ئۆچۈپ كېتىدۇ شامال ئۇچۇرۇپ قاچقاندەك،
تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق چۈش ئەمەس ، رېئاللىق بىلەن،
ئارزۇلارنى ئۇتتۇرىۋەتتۇق ھاياتقا تىككەن دو بىلەن
مەن ئەركەك دېگەن پو بىلەن، يۈز ئابرويىنى قايرىۋەتتۇق،
غورۇرـ ۋىجدان ئىسپات بولىدۇ قاداق باسقان قول بىلەن
...ئانا
قايتىپ بارىمەن يېنىڭغا،
...ئانا
ئاق يول تىلە يولۇمغا