
作词 : hekimwali
作曲 : Anwar iskandar
编曲 : Anwar iskandar
سۆزى : ھېكىم ۋەلى
مۇزىكىسى : ئەنۋەر ئىسكەندەر
ئاكورتلاشتۇرغۇچى : ئەنۋەر ئىسكەندەر
مەجنۇنتالدەك ئىگېلىپ
مەرۋايىتتەك چېچىلىپ
مەجنۇنتالدەك ئىگېلىپ
مەرۋايىتتەك چېچىلىپ
قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
مۇزىكا
دۇتتار راۋاپ ناغرىغا
ئانار يۇرتنىڭ باغرىدا
دۇتتار راۋاپ ناغرىغا
ئانار يۇرتنىڭ باغرىدا
جۈپ جۈپ بۇلۇپ ئۇسۇلدا
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
جۈپ جۈپ بۇلۇپ ئۇسۇلدا
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
شوخ ئوينايلى مەشرەپتە
مۇزىكا
شوخ ئوينايلى ئوينايلى
غۇلاچ تاشلاپ بەس بەستە
شوخ ئوينايلى ئوينايلى
غۇلاچ تاشلاپ بەس بەستە
خۇشاللىقلار ئورنىسۇن
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە
خۇشاللىقلار ئورنىسۇن
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە
بۈگۈنكىدەك مەشرەپتە
مۇزىكا
ئۇسۇل دىگەن ئەزەلدىن
قېرى ياش دەپ ئايرىماس
ئۇسۇل دىگەن ئەزەلدىن
قېرى ياش دەپ ئايرىماس
بۇۋام بىلەن مۇماممۇ
شوخ ئوينىغان مەشرەپتە
بۇۋام بىلەن مۇماممۇ
شوخ ئوينىغان مەشرەپتە
شوخ ئوينىغان مەشرەپتە
شوخ ئوينىغان مەشرەپتە
مۇزىكا
چۈشۈڭ سىزمۇ بىز بىلەن
شوخ ئوينايمىز ساز بىلەن
چۈشۈڭ سىزمۇ بىز بىلەن
شوخ ئوينايمىز ساز بىلەن
ئۇغۇل قىزلار شاد بۇلۇپ
شوخ ئوينايمىز مەشرەپتە
ئۇغۇل قىزلار شاد بۇلۇپ
شوخ ئوينايمىز مەشرەپتە
شوخ ئوينايمىز مەشرەپتە
شوخ ئوينايمىز مەشرەپتە