شۈنچە خۇش پۇراق
بىر گۈل بولغان ئىكەن
غۇنچەسى تىخى ئاچىلمىغان
ئىشقىدا ئۇنىڭ بۇلبۇل شەيدا ئىكەن
پەقەت باغۋەنلا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن
تۇساتتىن بىر كۈن شاماللار چىقىپ
پەيدا بولدىغۇ بىر قارا قۇيۇن
ئاھ بىچچارە گۈل ئاجىز بولغاچقا
شۇ غۇنچەسىنى قايرىدى قۇيۇن
قايرىغاچ غۇنچە تۈكۈپتۇ ياپىراق
بۇلبۇلنى ئەسلەپ چىكىپتۇ پىراق
بۇلبۇلمۇ ھەر تاڭ غۇنچىنى ئىزلەپ
سايرايدۇ باغدا تۇختىماس بىراق