ئەجەپ كۆيدۇردى بۇ جاننى
بىقىپ ئوتلۇق خۇما كۆزلەر
كىشىگە چىن مۇھەببەتنى
يىقىپ قويغان لاۋا كۆزلەر
قارايمەن زادى قانمايمەن
كۆزۇڭ نۇرغا مەن تەشنا
چىراغمۇ ئۇ بۇلاقمۇ ئۇ
گويا قۇندۇز قارا كۆزلە
بىتاپتۇرمەن مۇھەببەتىن
تۇتۇپ كۆرسەڭ تومۇرۇمنى
شىپا ئىزدەي قاياقتىن مەن ئەي
ئۆزۇڭ بولغىن داۋا كۆزلەر
بولاي قۇربان شۇ كۆزلەرنىڭ
قاراسىگە بولا ئەي جۇلاسىگە
قىلاي مەنمۇ غەزەلخانلىق ئەي
سىنى كۇيلەپ لاۋا كۆزلەر