
作词 : Abdu知名歌手
作曲 : Abdu知名歌手
جانان ۋەسلىڭ
ئەمەتجان زۇنۇن
نازاكەت سۈلكىتىڭ گۈلگۈن ،
باھار قۇچقان جانان ۋەسلىڭ .
نۇرانە كۆزلىرىڭ ھەر تۈن ،
يورۇق چولپان جانان ۋەسلىڭ .
ئاناردەك يۈزلىرىڭ نۇرلۇق ،
مۇجەسسەم ئەيلىگەن ئۇزلۇق ،
ياراشقان جەزبىدار شوخلۇق ،
گۈزەل ئىمكان جانان ۋەسلىڭ .
كۆيەر ئىشقىڭدا ئاشىق جان ،
ۋىسالغا تەلپۈنۈپ ھەريان ،
پىراقىڭ دەشتىدە ھېجران ،
شىرىن ئارمان جانان ۋەسلىڭ .
لىۋەن زىبالىقىڭ زىننەت ،
ۋاپا بەرنالىقىڭ ھىممەت ،
چىۋەر رەنالىقىڭ ھېكمەت ،
ئۈمىد دەرمان جانان ۋەسلىڭ .