
作曲 : kaysar-alkam/Muhammat
编曲 : Imron Yusup
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ،
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتىڭ.
ئىلكەمدە يوق ئۆشنەمدە يوق يادىمدا ئاندىن،
كىملەنىڭدۇر يانچۇقىغا سالدىممىكىنتاڭ.
بەخىت دىسە يىللار ماڭا ئۆمۈر بەردى راس،
شۇنچە ياشاپ شۇ ئۆمۈرگە قاندىممىكىنتاڭ.
ھايات يولى قالتىس دىگەن يالغان گەپ ئىكەن،
كىم بىلىدۇ يا مەن خاتا ماڭدىممىكىنتاڭ.
ئايرالمىدىم بۇ ھاياتنى ئوڭۇممۇ چۈشۈم،
دەرتمەنلىكتە ئىچىپ شاراپ قايدىممىكىنتاڭ.
ئەسكىلەرگە ئارلاشتىڭ دەپ ئۇرغانلىرى راس،
ئۇرماس ئىدى مەن ئۇلاردىن تاندىممىكىنتاڭ.
تەغدىرىمدە يەرگە چۈشكەن بىرتال ئۇرۇقمەن،
ئۈنگۈنۈم راس ئەمما پىلەك يايدىممىكىنتاڭ،
دۇنيا ماڭا بەردىم دەپتۇ ئالدىممىكىنتاڭ.
بەرگىنىنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىممىكىنتاڭ.