
作曲 : Keram Abbas
مۇزىكا
سۆيۈنمەمدۇ سۆيگەندىن يوقسۇلغىمۇ قاراپ قوي
ئەڭ بولمىسا بىر ئاخشام ئۆيلىرىدە تۈنەپ قوي.
ئەڭ بولمىسا بىر ئاخشام ئۆيلىرىدە تۈنەپ قوي.
يالغۇز يېگەن تائامنىڭ تەمى تىلدا بولغايمۇ,
ئوتلىرىغا سۇ سەپمەي ئوچىقىنى پۆلەپ قوي
يالغۇز يېگەن تائامنىڭ تەمى تىلدا بولغايمۇ,
ئوتلىرىغا سۇ سەپمەي ئوچىقىنى پۆلەپ قوي
مۇزىكا
سۆيۈنمەمدۇ سۆيگەندىن يوقسۇلغىمۇ قاراپ قوي
ئەڭ بولمىسا ناخشاڭدا بىرەر مەرتەم كۈيلەپ قوي
ياخشىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقانلار ئۇيالسۇن
قايسى تىكەن, قايسى گۈل چىن ئادالەت سۆزلەپ قوي
ياخشىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپقانلار ئۇيالسۇن
قايسى تىكەن, قايسى گۈل چىن ئادالەت سۆزلەپ قوي
*سۆيۈنمەمدۇ سۆيگەندىن يوقسۇلغىمۇ قاراپ قوي*
*كۈلكىسىگە تەڭ كۈلۈپ يىغلىغاندا بەزلەپ قوي*
*ئىسىل خىسلەت ئىسىل سۆز ئالتۇندىنمۇ ئەۋزەلدۇر*
* ئەڭ بولمىسا چىرايلىق تىلەكلەرنى تىلەپ قوي*
...
سۆيۈنمەمدۇ سۆيگەندىن يوقسۇلغىمۇ قاراپ قوي
يولدا كۆرسەڭ توكۇر ئات سەنمۇ شۇنداق ئاقساپ قوي.
يولدىن ئۆتكەن يولۇچى بوسۇغاڭدا تەلمۈرسە.
ئاتلىرىنى ئۈركۈتمەي ، مەنزىل تامام بۇراپ قوي
داداڭ ئۆتكەن پەزىدە مۇھتاچلىقنىڭ دەردىدە
شۇلارنىمۇ بالاڭغا خىجىل بولماي سۆزلەپ قوي
...