编曲 : EliyarH
مەن بىر ئاشىق يۈرىكى يۈرىكى گۈلخان،
سەن بىر قوياش دىلغا ئوت سالغان.
بىر كۆرۈشتە مەھلىيا مەھلىيا قىلىپ،
نازىڭ بىلەن ئەقلىمنى ئالغان.
گۈل بويۇڭنىڭ زىباسىنى دەپ،
كۆزلۈرۈڭنىڭ خۇماسىنى دەپ.
يۈرۈكۈمنىڭ نىداسىنى دەپ،
سۆيگۈ سوراپ ئارماندا قالغان.
كىرەك بولسا كۆكسۈمنى ياراي،
كىلەر بولساڭ گۈل ئىلىپ باراي.
سىنىڭ ئۈچۈن نىم بولسام بولاي،
مىنىڭ بارىم ساڭا ئاتالغان.