ئىشىك ئالدىدا قۇدۇق
قۇدۇق بېشىدا تۇدۇق
يارنى ئوينىدى دەپ ئاڭلاپ
بىزمۇ ئوينىغاچ تۇدۇق
گۈزەل گۈزەل جانانىم
سەن مېنىڭ ئامراق يارىم
يارىم بەرگەن بەش تەڭگە
چۈشۈپ كەتتى ئۆستەڭگە
ئەسلى سەن بىلەن يۈرمەيتتىم
يۈرۈپ قويغان قەستەنگە
نەگە بارىسەن قاغا
ئەركەشتامدىكى ياغا
كۆزۈم تويسا تويغاندۇ
يۈرەكىم قانمىدى ياغا