
作词 : Akram Tursun
作曲 : Akram Tursun
编曲 : Akram Tursun
مەن سىنى سېغىنىپ ياشايمەن ھەردەم
كۆرسەتكىن ۋىسال ماڭا بىر مەرتەم
سۆيىمەن ئەبەتكە ئىشەنگىن ماڭا
بەختىمىز ئۈچۈن بىز ئالايلى قەدەم
مۇھاببەت ئۆيىدە ياشايمىز بىرگە
بىرەيلى ۋەدىمىز بىر بىرىمىزگە
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىز سەن ئەي يارۇ
مەڭگۈ مىنىڭلا بولۇپ ئۆتكۈڭ بارمۇ
سۆيگۈنۈم يۈرەيلى بىز
تا ئەبەتكىچە چاچ ئاقارغۇچە
سۆيگۈنۈم ئەڭ گۈزەل قىز
كۆڭلۈمنى بەردىم مەڭگۈ مەڭگۈگە
ھاياتىمغا كەلدىڭ كۈتىۋالدىم سىنى
ۋەدىمىزدە تۇرۇپ تاشلىما مىنى
گۈزەلىم ئىسمىڭ گۈزەل ئۆزۈڭ ئاندىن
ئاشكارە قىلايلى كۆڭۈلدىكى سىرنى
ھاياتىمغا كەلدىڭ كۈتىۋالدىم سىنى
ۋەدىمىزدە تۇرۇپ تاشلىما مىنى
گۈزەلىم ئىسمىڭ گۈزەل ئۆزۈڭ ئاندىن
ئاشكارە قىلايلى كۆڭۈلدىكى سىرنى
سۆيگۈنۈم يۈرەيلى بىز
تا ئەبەتكىچە چاچ ئاقارغۇچە
سۆيگۈنۈم ئەڭ گۈزەل قىز
كۆڭلۈمنى بەردىم مەڭگۈ مەڭگۈگە