
作曲 : KS
编曲 : murat-musa
ھاياتىم دەپ كۆڭۈل بەرسەم دىلىمدىن
دىگەن ئىدىڭ سۈيىمەن ئۇنى جېنىمدىن
كەپسەن بۈگۈن كۆزلىرىڭ ياش خىلىڭدىن
مەن يېشىمنى تۆككەندە سەن نەدىتىڭ
شۇنچە قىلسام بەرگەنمۇ سەن مېھرىڭنى
ئاڭلىغانمۇ ياكى بىر رەت گېپىمنى
ئاچقانمىدىڭ ئېيتە ماڭا چېھرىڭنى
مېھرىڭگە مەن تەشنا چېغىم نەدىتىڭ
بەس نىگارىم قىلما بولدى ئەمدى سۆز
ئۇنى پۇلدار ئەزىز كۆرگەن سەندە كۆز
بىرەلمەيمەن ئەمدى ساڭا قىلچە يۈز
دەرتتە بىھۇش يۈرگەن چېغىم نەدىتىڭ