
تېكىستى مۇزىكىسى ئۆزلەشتۈرگەن
بېغىمدىكى بىر قىزىل گۈل ئۈزۈلدى سولىدى
باشقا باغنىڭ قوللىرىدا ھىد چاچار بولدې
گۈلۈم ساڭا باقالمىدىم مەندىن رەنجىمە
باشقا باغدا بىر ئۆمۈر قال ھېچقان سۇنماي
مېنى مېنى ئۇنۇتما
مېنى مېنى ئۇنۇتما
گۈلۈم مېنى ئۇنۇتما
مۇزىكا
سەن قالدۇرغان باغنى ، ئەمدى تىكەنلەر بېزەر
خۇشبۇي ھىدى كېتىپ ئۇنداق يېنىمدا كېزەر
قەھرىتانغا مەھكەم بولدۇم بورانلىق كۈنگە
سەندە گۈزەل ھامان باھار سابادا كېزەر
مېنى مېنى ئۇنۇتما
مېنى مېنى ئۇنۇتما
گۈلۈم مېنى ئۇنۇتما
مۇزىكا
كۆڭلۈمدىكى ئاھۇ دەردىم ئۆتۈپ كۈيلىسەم
قوشنا باغدا ئەركە بۇلبۇل ، خۇشال كۈيلەيدۇ
سەندىن قالغان ياپراقلارنى سىلاپ يىغلىسام
قوشنا باغدا چىرايلىق گۈلۈم كۆيۈپ قالمايدۇ
سەندىن قالغان ياپراقلارنى سىلاپ يىغلىسام
قوشنا باغدا چىرايلىق گۈلۈم كۆيۈپ قالمايدۇ
مېنى مېنى ئۇنۇتما
مېنى مېنى ئۇنۇتما
گۈلۈم مېنى ئۇنۇتما
مېنى مېنى ئۇنۇتما
مېنى مېنى ئۇنۇتما
گۈلۈم مېنى ئۇنۇتما
مېنى ئۇنۇتما