
作词 : AMax
作曲 : AMax
编曲 : AMax
يىگانە ئۆزۈم يالغۇز قالغاندا
مەن باقتىم يۇلتۇزسىز قاراڭغۇ ئاسمانغا
شۇ نۇرنى ئىزدەپ ئايدىن سورايمەن
ئۇ يەنە مەن ئۈچۈن قايتا چاقنامدا
جاۋاپ يوق سوئالىمغا
دەرمان يوق بۇ ھالىمدا
قالماسسەنمۇ ئۇۋالىمغا
ئۇۋالىمغا
ئازابىم ئاشكارە پەقەت كېچىدىلا
لەختە يۈرەك كۆرۈنىدۇ شۇ پېتىلا
يەتكەنسەنمۇ مۇرادىڭغا
مۇرادىڭغا
پۈتۈن ئەس يادىمدا سەنلا
شۇ نۇر يوق ماڭا ھەمرا
قالدىم تەنھا
ئۇنتاي دەيمە ئەمما
ئىلاجىم يوق ئەسلا
چۈشۈمدىمۇ سەن با
تۈن كېچە ئۇيقۇ يوق
ھېچ ئىللىق تۇيغۇ يوق
قەلبىم شۇ كېچىدەك سوغۇق
قالدى شۇ گۈلۈم سۇلۇپ
بولدى يۈرۈكۈم قۇرۇق
يېنىمدا سەن يوق
يىگانە ئۆزۈم يالغۇز قالغاندا
يەنە باقتىم يۇلتۇزسىز قاراڭغۇ ئاسمانغا
شۇ نۇرغا ئوخشاش مەنمۇ بىركۈن يوقايمەن
سەن باشقا بىردىن بەختىڭنى تاپقاندا