
编曲 : Mamat Abdulla Alim
باھار يازنى ئۇزىتىپ قىشنى چىللاپ كېلەر كۈز,
送别春夏秋冬来,
يېنىپ ئۆچكەن چاقماقتەك كۈنلەر ئۆتەر قانچە تېز,
一生如闪很短暂,
بىلسەڭ ئۆمۈر شۇنچىلىك بۇ ھەققىي تىللا سۆز
恒古不变的真理,
شۇنچىلىكلا ھاياتقا كېلىپ-كېتەر مېھمان بىز
咱是短暂的客人,
بەش كۈنلۈك بۇ ئالەمگە كېلىپ-كېتەر مېھمان بىز
咱是短暂的客人
ئىناق-خۇشال ئۆتەيلى ئىمكانى بار ئىنسان بىز
团结欢乐才是真
كۆز ئېچىپ بۇ ئالەمگە كۆزنى يۇمۇپ كەتكۈچە
睁眼闭眼一瞬间,
باشتىن ئۆتەر نە قىسمەت ئارمانلارغا يەتكۈچە
经历万千至鸿志,
غەنىيمەتنى قەدىرلەڭ پۇرسەت قولدىن كەتكۈچە
抓住机会别流失,
ئارمان تولغان دۇنياغا كېلىپ-كېتەر مېھمان بىز,
咱是充满梦想的世界的客人,
بەش كۈنلۈك بۇ ئالەمگە كېلىپ-كېتەر مېھمان بىز,
咱是短暂的客人,
ئىناق-خۇشال ئۆتەيلى ئىمكانى بار ئىنسان بىز,
团结欢乐才是真,
ياخشىلىقلار قىلايلى ئالەم كۈلسۈن ئەل كۈلسۇن,
尽力行善让世人收益,
كۆڭۈللەرنى پەپىلەپ ياخشىلاردىن نام قالسۇن,
爱护每一颗心灵,
بىۋاپا بۇ دۇنياغا ياخشىلىقلار شاھ بولسۇن,
在这无情的世界里让爱成为主流,
مەيلى شاھ سەن يا گاداي بۇ دۇنياغا مېھمان بىز,
无论是富贵或卑谦皆为过客,
بەش كۈنلۈك بۇ ئالەمگە كېلىپ-كېتەر مېھمان بىز,
咱是短暂的客人,
ئىناق-خۇشال ئۆتەيلى ئىمكانى بار ئىنسان بىز,
团结欢乐才是真
ئىناق-خۇشال ئۆتەيلى ئىمكانى بار ئىنسان بىز,
团结欢乐才是真。