غەملەرگە سالاي دەمسەن
ئاۋال ئالداپ كۈلدۈرۈپ
تۈنلەر ياندۇراي دەمسەن
كۆيدۈرۈپ ئاھ كۆيدۈرۈپ
باغلاپ كۆڭۈل قۇشۇمنى
ئالدىڭ ئەقلۇ ھۇشۇمنى
كۈل ئەيلىدىڭ چۈشۈمنى
ئىشقىڭنى شاراپ قىلدىڭ
مەست قىلدىڭ خاراپ قىلدىڭ
يۈرەكنى كاۋاپ قىلدىڭ
قىيناپ قىيناپ تويمىدىڭ
ئاھ زارىمنى تۇيمىدىڭ
ئۆز ھالىمغا قويمىدىڭ
مەيلى كۆيدۈر يانارمەن
بىر كۈن كۆڭلۈڭ ئالارمەن
ئۆچمەس گۈلخان بولارمەن