
编曲 : Mamat Abdulla Alim
بار بولسام مەنسىپىڭ دۆۋلىتىڭ
زىيادە ھۆرمىتىڭ ئىززىتىڭ
دوستۇم بارمۇ قەدرۇ قىممىتىڭ
دەۋرانىڭ ئۆتكەندە بىلەرسەن
ھازىرچە دەۋرىلەر شاھىسەن
ئوغلۇڭنىڭ سۆيۇنگەنسەن تاغىسەن
كىمنىڭدۇر مىۋىلىك باغىسەن
ياپراقىڭ سارغايسا بىلەرسەن
سۆيگەنلىرىڭ ئىزدىمەي قۇيار
ئۇلپەتلىرىڭ ئەسلىمەي قۇيار
بەختىڭ سىنى يوقلىماي قۇيار
يالغۇز قالغانىڭدا بىلەرسەن
دەريا ئىدىڭ ئاقماي قالارسەن
جانانلارگە باقماي قالارسەن
ئايالىڭگە ياقماي قالارسەن
ياشلىق كەتكەندە بىلەرسەن
كىم ھالىغا سىغماي قالارسەن
كىم ئىدىم دەپ ئويدا قالارسەن
يالغۇزلۇقتا يىغلاپ قالارسەن
ياشىڭ ئۆتكەنىدە بىلەرسەن
بار بولسام مەنسىپۇ دۆۋلىتىڭ
زىيادە ئىززەتۇ ھۆرمىتىڭ
دوستۇم بارمۇ قەدرۇ قىممىتىڭ
دەۋرانىڭ ئۆتكەندە بىلەرسەن
يالغۇز قالغانىڭدا بىلەرسەن
پايراقىڭ سارغايسا بىلەرسەن
قىرىقتىن ئاشقاندا بىلەرسەن