作词 : Abduzayir-Namayan
作曲 : Abduzayir-Namayan
编曲 : Abduzayir-Namayan
سۆيىمەن دەپ سۆيمىدىڭ
قەدرىمنى ھېچ بىلمىدىڭ
يۈرەگىمنى قان قىلىپ
ئەمدى مىنى تاشلىدىڭ
بىر كۈن يىغلاپ قالارسەن
مەن كۆزۈڭدىن يۈتكەندە
بىر كۈن ئەسلەپ قالارسەن
مەن يىراققا كەتكەندە
ياندا بارنىڭ قەدرى يوق
يىراقتىكى بەك تاتلىق
سۆيمىسەڭ مەيلى جىنىم
مەن ساڭىلا بەك ئاشىق
سۈرىتىڭگە مەن قاراپ
كىچەلىرى يىغلايمەن
بىر كۆرمەككە زار بولۇپ
يەنە سىنى ئويلايمەن
بۇ ھالىمنى سورىمايدۇ
يا دەردىمنى بىلمەيدۇ
مەن بارىمدا ئەزىزلەپ
قەدرىمگە ھېچ يەتمەيدۇ
ئىنسان ئەجەپ ئاجىزكەن
شۇ ئازاپقا كۆنەركەن
مىڭ يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ
بىر قەلىبكە يىغلاركەن
كۈنۇ تۈنۈم غەم بولدى
كۆز ياشلىرىم نەم بولدى
يايراپ كۈلۈپ يۈرسەممۇ
يەنە بىرى كەم بولدى