
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
جانان ئالدىمدا ياش تۆكمە يېشىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
ئازابتىن تەۋرىنىپ لەپ-لەپ قېشىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
ئۆزۈڭ بىر ئاڭ ھۈكەرگە جۆر، ئۆزۈڭ يىگانە بىر تال گۈل،
قولۇم تەگمەي تۇرۇپ سۇنغان شېخىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
بېغىڭغا باشلىما كىمنى نىيەت قانداق، بىلەي قانداق؟
قەدەم يەتمەي قۇرۇپ كەتكەن بېغىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
بەخت كەلمەس ئاسان ئۇنداق، بەخت كەلگەندە داداملاپ،
خۇدۇڭنى بىلمىگەن ئەسلا چېغىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن
ئۇنۇڭنى تارتقىنىم تارتقان ئەنە تۈگمەندە ئاچ قورساق،
قوشۇق چاغلىق سۇنالمىغان ئېشىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
ئەدەب-ئەخلاق ساڭا زىننەت، يوقاتتىڭمۇ ياغار كۈلپەت،
نادانلىقتىن كۈچەپ چالغان دېپىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
يېزىپ تۇرسام داۋام مەكتۇپ، قولۇڭغا تەگسە قايتۇرساڭ،
مېنىڭدىن ئۆزگىگە يازغان خېتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
تۈمەن تۇلپار ئىچىدىن مەن بولاي مەڭگۈ ساڭا تالىق،
ماڭا ئېيىتماي مېنىپ يۈرگەن ئېتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن.
.