编曲 : Askar Muhtar
كەلمىدى ياركەلمىدى
نە بولدى يارىم كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغى سۇندى
بانا بولدى كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغى سۇنسا
ئات ئېلىپ مىنمەسمىدى
يار ئېنىڭ كۆڭلىدە بولسا
بىر كىلىپ كۆرمەسمىدى
يارىنى ئاغرىپتۇ دەپ
مەن بېرىپ كۆرۈپ كىلەي
ئاغرىسا ئاغرىمىسا
باشىدىن ئۆرگۈلۈپ كىلەي