作词 : Ablatjan Mamat
作曲 : Anwar Maglik
编曲 : Alimjan-imam
كەتكىنىم ياخشى
بولالمىساڭ يۈرۈكۈمگە قىلچە تەسەللى،
دەرتلىرىمگە يەنە ئۆزۈم يەتكىنىم ياخشى،
ئارتۇق ئۈمۈد كۈتۈپتىمەن سېنىڭدىن بىلسەم،
كەچكىن دېسەڭ بوپتۇ سەندىن كەچكىنىم ياخشى.
بىرىپ قويۇپ شۇنچە شىرىن يالغان قەسەمنى،
ۋاپاسىزلىق يوللىرىغا باستىڭ قەدەمنى
بەردىڭ ماڭا ئازاپ بىلەن قايغۇ ئەلەمنى،
ئۈمۈد كۈتمەي ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكىنىم ياخشى.
باقمىدىڭ ھىچ بىر قىتىم ۋەدەڭدە تۇرۇپ،
يۈردۈڭ ماڭا نەچچە رەت توزاقلار قۇرۇپ،
يالۋۇرغۇچە سەندەكلەرگە قەدرىمنى ئۇرۇپ،
جاندىن كىچىپ بۇ دۇنيادىن كەتكىنىم ياخشى