作词 : AMax
作曲 : AMax
混音/母带:Mr.Perman
AMax
گۈل دېسەم گۈلدىن گۈزەل
تۈندىن قارا بۇ جاھان بىر كۈلمىسەڭ
كۆيدى ھەم يۈرەك ۋەسلىڭنى كۆرمىسەم
پۈتۈن ئەس يادىمدا پەقەت بىر ئۆزەڭ
غېرىپ ھالىمغا دەرمانىم مېنىڭ
لېرىك سازىمغا ئېلھامىم مېنىڭ
بېرىپ بارىمنى دىلدارىم ساڭا
ئاڭلا سەن ئۈچۈن پىدا بۇ جانىم مېنىڭ
ۋاي ۋاي ئاشىقمەن جامالىڭغا
ئاي ئاي خىجالەت ئالدىڭدا
ئايلىناي پەرۋانىدەك ئەتراپىڭدا يانىڭدا
تۈنلەپ تۈنلەپ ئۇخلىيالمىدىم
كۈيلەپ كۈيلەپ سېنى يەنە قانمىدىم
گۈللەر ئارا ئىزلەپ ئامرىغىم
پەقەت سېنى تاللىدىم
يار يارەي
بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي
سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي
كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي
يار يارەي
بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي
سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي
كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي
WANAM
ئاسمىنىڭدا يۇلتۇز بولاي سەن بىلەن مۇڭدۇشۇپ
خۇددى بىر جۈپ كېپىنەكتەك باغلاردا قوغلۇشۇپ
ھەممە بىزگە تاڭ قالسۇن ئەتراپىمىزدا ئولۇشۇپ
بەخت ئىشىكىنى تەڭ ئاچايلى بىللە قول تۇتۇشۇپ
ئاستا ئاستا كېلەيلى بىز ئاز ئازدىن
جېنىم سېنى مەدھىيەلەپ ناخشامغا يازدىم
بەلكىم نەچچە نەچچە رەت ئازغۇنلاردا ئازدىم
سېنى تاپتىم خۇددى چۆل جەزىرىدىن ئالتۇننى قازدىم
ئۇچامدا كانۋاي كۆينەك بېشىمدا بادام دوپپا
ئۆرىمە چاچلىق ئۇيغۇر قىزى ئۈستۈڭدە ئەتلەس يوپكا
ۋەسلىڭگە يېتىش ئۈچۈن قىينالدىم مەن نەچچە سوتكا
سۇغا دېسەڭ سۇغا كىرەي ئوتقا دېسەڭ ئوتقا
AMax
زار-زار مەن ئىشقىڭدا
ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇم بار
مۇھەببىتىمىز ئوت بولۇپ لاۋۇلدىسا
مەن ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا
زار-زار مەن ئىشقىڭدا
ئاسمىنىڭدا پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇم بار
مۇھەببىتىمىز ئوت بولۇپ لاۋۇلدىسا
مەن ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا
يار يارەي
بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي
سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي
كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي
يار يارەي
بولدۇم سەۋدايى ئىشقىڭدا ۋاي دادەي
سەن بولغاچ قوشۇلدى بۇ جېنىمغاجانەي
كۆزۈم يۇمۇلغىچە مەن يېنىڭدا بارەي
زارلىناي ئىشقىڭدا
ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا
باغلىناي ناخشامدا
بىر ساڭىلا باغلىناي
زارلىناي ئىشقىڭدا
ئايلىناي ئوت ئۇچقۇنغا
باغلىناي ناخشامدا
بىر ساڭىلا باغلىناي
