
作曲 : Muhebbet Memtimin
编曲 : Muhebbet Memtimin
قوغلىسام يېتەلمەيمەن
كېچىپ ھەم كېتەلمەيمەن
ئالقىنىمدا بىر بۇلاق
قېنىپ بىر ئىچەلمەيمەن
يامغۇردەك تۆكۈلىدۇ
گۈللەردەك ئېچىلىدۇ
بەك ئاددىي تۇيۇلىدۇ
بىراق ھېچ بىلەلمەيمەن
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت
ھاياتنىڭ مەناسىدۇر
قەلىبىمنىڭ تەماسىدۇر
بېشىمنىڭ بالاسىدۇر
قېيدايمەن، كېچەلمەيمەن
گۈلخان ئۇ، يالقۇندۇر ئۇ
ئوتۇمغا ئوتۇندۇر ئۇ
سېھىرلىك ئالۋۇندۇر ئۇ
ئەمما، تەرك ئېتەلمەيمەن
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت
مۇھەبەت مۇھەبەت مۇھەبەت