
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
سۆيمىدى دېمە جانان سېغىنارمەن كەلمىسەڭ.
ھۆسنىدىن جۇدا كۆڭۈل خارۇ-زارمەن كەلمىسەڭ.
سۆيگۈنىڭ ئوتى ئۇلۇغ كۆيدۈرەر يۈرەكنى ھەر،
تەپتىدە ۋەيران بولۇپ قايغۇرارمەن كەلمىسەڭ.
ئەينى مەن چاڭقاق بېلىق زارقىپ سۈيۈڭگە ئاھ،
تولغىنىپ قىرغاق-لېۋىڭدە قېينىلارمەن كەلمىسەڭ.
تۇتقىنىم ئاپئاق يۈرەك قونمىغان زەررىچە چاڭ،
كۆرمىسەڭ مەقبۇل ئۇنى ئاھ ئۇرارمەن كەلمىسەڭ.
بارغۇ مەن بىر چىن ساڭا،ھىدلىرىڭ ھەمراھ ماڭا،
چاپتۇرۇپ ئۆيۈڭ تامان ئات سالارمەن كەلمىسەڭ.