
作词 : ali nawa
作曲 : ali nawa
编曲 : ali nawa
مەس بولاي
شادلىقىمدىن كۆز يېشىم تولا .
پېقىر شۇڭا غەمگە موپتىلا .
قانغۇدەك بىر ئىچىپ مەست بولاي .
مەيلى بۈگۈن نېمە بولسام بولا
بەك چارچىتتى ھاياتنىڭ غېمى .
بىرنى تاپسام بىرنىڭ كېمى
شۇڭا ھېچكىم توسمىسۇن مېنى .
ئىچەي بۈگۈن نېمە بولسام بولا
نېمە قىلسام يەنە مەن يامان .
يۈرەك بىر رەت سوقمىدى ، ئامان .
سايەم بىلەن تۇرۇپ يانمۇ ـ يان
ئىچەي يالغۇز نېمە بولسام بولا
ئۆز ئۆزۈمگە ئۆزۈم تەسەللىي .
كېرەك ئەمەس ، دوست بىلەن لەيلى .
جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ مەيلى .
ئىچەي بۈگۈن نېمە بولسام بولا.