
ھەر ينىم قاراڭغۇ بىر يىنىم بوشلۇق
بىرلا كۆردۈم بويۇڭنى سەن قەيەرلەردە
ساڭا ئاشىق بولغىنىمدىن يوقالدى شوخلۇق
مېنى شەيدا قىلغان چاغدا كۆزلىرىڭ نەدە
نەدە ، ئۇ كۆزلەر نەدە
شۇ گۈزەللىكلەر
شادلىقىم يوقالدى ، باستا يالغۇزلۇق
ماڭا شۇندىن بېرى ھەمراھ بولدى يالغۇزلۇق
چاك چاك يېرىلدى لەۋلەر تەلمۈرۈپ كۆزلەر
چاقنىدى تەشنا يۈرەككە ئالدىمدا چۆللەر
نەدە ئۇ كۆزلەر نەدە
شۇ گۈزەللىكلەر
سۇ ئاقامدۇ ساي بىلەن
تام پۈتەمدۇ لاي بىلەن
ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتەرمۇ
كۆڭلى قارا يار بىلەن
ھاۋادىكى لاچىنلار
يەردىن ئوزۇق ئىزدەيدۇ
بىر قىزچاققا سۆز بەرسەم
سىزدىن نوچى بىز دەيدۇ
چىمەن دوپپا كىرىۋاپسەن قارايمەن ياراشقانغا
تاللاپ سۆيگەن يارىم سەن بەرمەيمەن تالاشقانغا
كېلەر يارىم كەلمىدى نېمە بولدى كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغغا سۇندى باھانە بولدى كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغۇ سۇنسا ئات مىنىپ كەلمەس ئىدى
يارىمنىڭ كۆڭلىدە بولسام كۆرگىلى كەلمەسمىدى
كەتسەڭ كېتىۋەر يارىم
كەتسەڭ نېمە پەرۋايىم
بۇ جېنىم ئامان بولسا ،
ھەر جايدا مېنىڭ يارىم.
ھەر ينىم قاراڭغۇ بىر يىنىم بوشلۇق
بىرلا كۆردۈم بويۇڭنى سەن قەيەرلەردە
ساڭا ئاشىق بولغىنىمدىن يوقالدى شوخلۇق
مېنى شەيدا قىلغان چاغدا كۆزلىرىڭ نەدە
نەدە ، ئۇ كۆزلەر نەدە
شۇ گۈزەللىكلەر
شادلىقىم يوقالدى ، باستا يالغۇزلۇق
ماڭا شۇندىن بېرى ھەمراھ بولدى يالغۇزلۇق
چاك چاك يېرىلدى لەۋلەر تەلمۈرۈپ كۆزلەر
چاقنىدى تەشنا يۈرەككە ئالدىمدا چۆللەر
نەدە ئۇ كۆزلەر نەدە
شۇ گۈزەللىكلەر
سۇ ئاقامدۇ ساي بىلەن
تام پۈتەمدۇ لاي بىلەن
ئۆمرۈم شۇنداق ئۆتەرمۇ
كۆڭلى قارا يار بىلەن
ھاۋادىكى لاچىنلار
يەردىن ئوزۇق ئىزدەيدۇ
بىر قىزچاققا سۆز بەرسەم
سىزدىن نوچى بىز دەيدۇ.
چىمەن دوپپا كىرىۋاپسەن قارايمەن ياراشقانغا
تاللاپ سۆيگەن يارىم سەن بەرمەيمەن تالاشقانغا
كېلەر يارىم كەلمىدى نېمە بولدى كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغۇ سۇندى باھانە بولدى كەلمىدى
ئېتىنىڭ ئاياغۇ سۇنسا ئات مىنىپ كەلمەس ئىدى
يارىمنىڭ كۆڭلىدە بولسام كۆرگىلى كەلمەسمىدى
كەتسەڭ كېتىۋەر يايرىم
كەتسەڭ نېمە پەرۋايىم
بۇ جېنىم ئامان بولسا
ھەر جايدا مېنىڭ يارىم