作词 : mamtimin-mahmut
作曲 : Abduzaer~Mamut
编曲 : mamtimin-mahmut
سۇ پەرىسى
بىر چۈش كۆردۈم ئايان بولدۇڭ چۈشۈمگە,
نازۇك بەدەن سۇمبۇل چاچلىق بىر پەرى.
سوراپ قالدىم كىم بولىسىز كىمدۇرسىز,
سۇ پەرىسى دىدى سۇغا شۇڭغىدى.
قايتارما:
سۇ پەرىسى,سۇ پەرىسى
بەلكى خاپا بولۇپ قالغاندەك ماڭا,
سۇ ئاستىدىن چىقمايسەن سۇ پەرىسى.
ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇشنىڭ كويىدا,
يۈرمەن دەريانى بويلاپ ھەركۈنى