作词 : Aysajan Tursun
作曲 : Aysajan Tursun
编曲 : Aysajan Tursun/Abduxukur Obul
كىملەر سورايدۇ ؟
مۇھتاج بولۇپ ئۆتسە كۈنلىرىم ،
دىلدا قالسا قايغۇ غەملىرىم .
ئۇخلىمىسام كىچە تۈنلىرىم ،
بۇ ھالىمنى كىملەر سورايدۇ ؟
بۇ دەردىمنى تۆكەرگە بىرى يوق ،
مىنى دىلدىن سۆيەرگە بىرى يوق .
مېھىر بېرىپ كۈلەرگە بىرى يوق ،
بۇ دەردىمنى كىملەر سورايدۇ ؟
تاشلاپ كەتتى سۆيدۈم دىگەنلەر ،
ساختا كۆيۈپ غېمىمنى يىگەنلەر .
نامەرت چىقتى دوستۇم دىگەنلەر ،
بۇ ھالىمنى كىملەر سورايدۇ ؟؟