
作词 : Adil Abdulla
作曲 : Adil Abdulla
编曲 : Adil Abdulla
ئوينايلى دوستلار
ئايدىن چىرايلىق ئوينايلى جان دوستلار
كۈندىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوستلار
باغدا ئېچىلغان ئوينايلى جان دوستلار
گۈلدىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوستلار
ئوينايلى كۈلەيلى يايرايلى دوستلار
بۇلبۇلدەك ناۋا ئەيلەپ سايرايلى دوستلار
نۇرۇز ئايەمدە تويدا مەشرەپتە
ئوينايلى كۈلەيلى يايرايلى دوستلار
باغدا ئېچىلغان ئوينايلى جان دوستلار
گۈلدىن چىرايلىق كۈلەيلى جان دوستلار
ئوينايلى كۈلەيلى يايرايلى دوستلار
بۇلبۇلدەك ناۋا ئەيلەپ سايرايلى دوستلار
كۈتەمەن
بىلمەي كۆڭۈل قويۇپمەن
ئىشقى ئوتىدا كۈيۈپمەن
تاللاپ تاللاپ يار سۈيەر
باغرى تاشنى سۈيۈپمەن
سەن مىنى سۈيمىسەڭ ھەم
سەن مىنى كۈتمىسەڭ ھەم
كۈتەمەن كۈتەمەن كۈتەمەن
ئارمان بولما مۇھەببەت
دەرمان بولما مۇھەببەت
بىر بىرىگە يىتەلمەي
غازان بولما مۇھەببەت
سەن مىنى سۈيمىسەڭ ھەم
سەن مىنى كۈتمىسەڭ ھەم
كۈتەمەن كۈتەمەن كۈتەمەن
گۈزەل قىزچاق
شوخ كۈلۈشنى بىلەمسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
جۈر بولۇشنى بىلەمسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
ئەگەرلەردە ئەگەرلەردە مەيلىڭىز بولسا
مەڭگۈ ۋاپادار بولامسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
باغچىلاردا يۈرەمسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
شوخ يىگىتكە كۆيەمسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
ئەگەرلەردە ئەگەرلەردە مەيلىڭىز بولسا
مەڭگۈگە ھەمرا بولامسىز قىزچاق گۈزەل قىزچاق
گۆش گىردە
ئۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن
بۇيانىغا تاشلاپ ئوينىسۇن
بىزنى ئەسكى دىگنلەر
ئاھ يۈرۈكۈم دەپ يىغلاسۇن
ۋاجۋىل ۋاجىۋىل گۆشكىردە
خوتەندە ياققان گۆشكىردە
يالغان بولسا يەپ بېقىڭە
قوي گوشىدا ياققان گۆشگىردە
ئۇستام ياقىدۇ توخىنىڭكىدە
بىزمۇ ياقىمىز چۈجىنىڭكىدە
ئۇستام ياقىدۇ تىكىنىڭكىدە
بىزمۇ ياقىمىز بۇقىنىڭكىدە
ئۇستام ياقسا ئالمايدۇ
بىزلەرياقساق قالمايدۇ
مەكىلىڭ خىرىدا قۇمۇراپ بىرەي
سوغاق سۇغا لىككىدە چۇمۇراپ بىرەي
ۋاجۋىل ۋاجىۋىل گۆشكىردە
خوتەندە ياققان گۆشكىردە
يالغان بولسا يەپ بېقىڭە
ياغدا ياققان گۆشگىردە
دۇتتارىمنى قويدۇم توككىدەك
سەكرەپ چۈشتۈم باغدىن سوككىدە
خۇمارىمغا چىدىيالماي
سۆيدۈم خېنىمنى چوككىدە
ئېغىر كەلگەن ئوخشايدۇ
يېقىلىپ چۈشتى پوككىدە
غوجى ئابدۇرۋاق
غوجى ئابدۇرۋاق ۋاق
بىر شىخىدا ئالما بىر شىخىدا قاق
يەمسە ياق يەمسە ياق
قادىقاق تامبىلى ئاق
دۆڭگە چىقىپ مانا تەخەي باق
36ئالتە قوي ئىلىپ خوتەن يولدا باق
خوتەن يولدا باقمىساڭ يەكەن يولدا باق
يەكەن يولدا باقمىساڭ خوتەن يولدا باق