
编曲 : Askar Muhtar
سېرىق سەبدە تۇلۇن ئايىم
يۈزۈڭگە نۇر ياراشىپتۇ
سىنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا
يۈرەككە ئوت تۇتاشىپتۇ
ئۇمەلەمدىن بۇمەلەڭگە
ئويناي دەپ كەلدىم
مەيلىڭ بامۇ مەيلىڭ يوقمۇ
كۆرەي دەپ كەلدىم
شاپتۇلۇڭنى مەن يىمەيمەن
چىشىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ
مەشۇقۇم يادىمغا يەتسە
چىشىم ئاغرىيدۇ مىنىڭ
كۆرگىلى كەلدىڭلىمۇ
كۆيدەگىلى كەلدىڭلىمۇ
كۈيۈپ ئۆچكەن ئوتىنى
ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ
ئۆستەڭ بۇيى ئىگىز قاش
كەتمەن سالسام تىگى تاش
سۈيەي دىسەم بۇيۇڭ پەس
ۋاي جىگىلاڭ ھەي ۋاي
ئىگەلەمسەن قەلەم قاش
بادى دەيدۇ ياندى دەيدۇ
مەيلىم ئۆزەمنىڭ
سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن
يارىم ئۆزەمنىڭ
مەن يارنى كۆردۈم
مەستانە بولدۇم
ئىشقى ئوتۇڭدا
يىگانە بولدۇم
سەندەك قىزىل گۈل
ھەرجايدا بولماس
ھەرجايدا بولسا
سىنىڭچە بولماس