
作词 : Am-Sam
作曲 : Am-Sam
رەھمەت ، دەيمەن رەپچىقىلدىڭ ھاياتىمغا كىرىپلا
تۇرمۇشۇمنى رەڭگى رەڭگە تولدۇرۇپلا قېنىقلا
سەندىن ئۆتكەن ، كۈنلەر كاللامدىنمۇ ئېنىقلا .
تېكسىمنى سېنى كۈيلەپ ھەر بىر قەدەم تىنىقتا .
خاپا بولمىغىن كەچۈرۋەتكىن خاتا قىلدىم ئاچچىقتا
قولۇڭنى تۇتتۇم مۇھەببەتنى ، ئايلاندۇراممىدىم تاتلىققا
بىللە ماڭغان ، شۇ يوللارمۇ ئايلىنىپتۇ سازلىققا
قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىمىز بىر بىرسىمىزدىن تىنىپلا
ئاسان ئەمەس ، بىللە يۈرۈپ تۆت يىلنىمۇ ئۇزۇتۇش
خەقنىڭ گېپىگە ئىشىنىپلا مۇھەببەتنى قۇرۇتۇش
توۋلىتىشنى بىلگەن ئادەم ئاستا ئاستا تۈزىتىش .
نېمىشقا مۇشۇنداق ئۆتەۋىرىمىز سۆيگەن يۈرەكنى قۇرۇتۇپ
ساڭا بولغان مۇھەببىتىم شۇنچە مېنىڭ
ئاجىزمىدۇ
قارا كۆڭۈل دەيسەن مېنى خاتالىق مەندە سادىرمىدۇ
نېمىلا قىلسام ئوخشاش ساڭا پۇل ھەممىگە قادىرمىدۇ ؟
ئاشىق سىزمۇ چۆلدە قالدىم ، زۆھرە يوق تاھىر مىدۇ
كۈن كۈنلەرنى قوغلاپ ھازىر نۇرغۇنلىغان يىل ئۆتتى .
سېنى ئەسلەپ قاۋاقلاردا ئىچىپ چېكىپ كۈن ئۆتتى
ھاراق تاماكا ناشتا بولدى . دوستۇم دەيدۇ تاشلا بولدى
ماڭا ئوخشاش يۈرەكتىكى شۇ قىزچاقنى كىم كۈتتى
بۈگۈن كېچە يەنە باردىم ئۆزۈم يالغۇز مەھەللەڭگە .
ئاي نۇرىنىڭ ئاستىدا مەن ئاستا بىر خىل قەدەملەردە .
يالغۇزلۇقۇم بىلمەكتە . سوغۇق بولىدىغان شاماللاردا .
كېلىپ مېنى قاماللىغىن قايتاي بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا .
بۇ مېنىڭ نالىم ئەمەس ، يۈرەكتىكى سۆزدىن .
كۆزلىرىمگە ئىشەن ، مېنىڭ باشقا بىرنى سۆيمىدىم .
كۈتكىنىمگە ئېرىش ئۈچۈن سەندىن ئۈمىد ئۈزمىدىم .
ئۆتكەن كۈنلەرگە سالۋات ئەمدى . مەن يولۇمنى تۈزلىدىم .
كەم ئەقىللىق قىلدىم ساڭا بىلىپ بىلمەي سەندىكى جانغا
قايتقان بولدى ، ئەمدى يانغا .
يۈرىكىمدە ، پەقەت سەن بار .
قانلىرىمغا سىڭىپ كەتتىڭ ، قورقماي ، ئەمدى ئەركىن چامدا