
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
كەچكىنىم راستىنلا كۆپ ئەمما ئۈمىددىن كەچمىدىم
بىر ماڭا چاچقان پۇراق تاتلىق گۈلۈمدىن كەچمىدىم
كەسلىنىپ چۆل-چۆل ئوتۇن بولسىمۇ مەشلەردە كۈل
ماڭا سايە مېۋە ھەم ئۈجمە ئۆرۈكتىن كەچمىدىم
كاتلىرىم تولماي تولۇق كەلمىسە كۈتكەن ھوسۇل
سورۇشۇپ خامان شامالغا چەشلەپ يۈرۈشتىن كەچمىدىم
نېمە دەي ئارمان يولى شۇنداق ئۇزۇن پۈتمەس جاپا
پاتسىمۇ ئېڭىز پۇتۇمغا مۈدۈرۈشتىن كەچمىدىم
تېرىدىم چېچىپ ئۇرۇق يەرلىرىم بولغاچ بىنەم
چىققىنى ئامەت ماڭا كۆك ۋە تېرىقتىن كەچمىدىم
غەملىرىم مىڭ بولسىمۇ يايرىسۇن كۈلسۇنغۇ دەپ
ئۇچرىسا مىسكىن ناۋادا كۈلدۈرۈشتىن كەچمىدىم