جۈپتەكمىدۇق ئاتلاغىلى
قوناقمىدۇق تاقلاغىلى
ئا ۋەدىمىز شۇنداقمىدى
ئۆلمەي تىرىك ئايرىلغىلى
قانداق قىلاي قانداق چىداي
ئىشقىڭدا مەن راۋاپ چالاي
ۋاي دۆڭمۈدۈڭ قوينى ساناپ
ئالدىم قولۇمغا بىر راۋاپ
ۋاي قايسى دۆڭلەردە يۈرۈر
مەڭزى قىزىل باغرى كاۋاپ
ۋاي دۆڭمۈدۈڭدە ئۆيىڭىز
ماياك ئوتىدا چوغىڭىز
ۋاي كۈندە كەلسىڭىز
كۆڭۈلنى سىزگە بېرىمىز