
作曲 : Ali Tohti
编曲 : EliyarH
يىراقلارغا كەتكىنىمدە
سىنى تەشنا ئەتكىنىمدە
مىنى ئۇنۇتما
مەنمۇ ساڭا تەلپۈنەرمەن
يوللىرىڭغا تەلمۈرەرمەن
شۇنى ئۇنۇتما
سىنى ھەركۈن سىغىنارمەن،
يالغۇزلۇقتا قىينىلارمەن .
بۇنى ئۇنۇتما
باغرى ئاتەش سەمەندەرمەن،
سۆيگۈگە زار قەلەندەرمەن.
شۇنى ئۇنۇتما
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، سۆيگەنىمنى ئۇنۇتما،
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، كۆيگەنىمنى ئۇنۇتما.
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،
چىن يۈرەكتىن ئارزۇ قىلغان ئەتىلەرنى ئۇنۇتما
كىرپىگى ئوق تولۇن ئايىم
يۈرىكى چوغ بىغۇبارىم
، مىنى ئۇنۇتما
بىرلا ساڭا ئىنتىزارمەن،
يوللىرىڭغا گۈل تىزارمەن،
شۇنى ئۇنۇتما
لەيلى بولساڭ مەجنۇنىڭمەن،
ساڭا شەيدا مەپتۇنۇڭمەن،
بۇنى ئۇنۇتما
قىيىن بەلكى سۆيگۈ شەرتى،
كىلەر بىر كۈن ۋىسال پەيتى
، شۇنى ئۇنۇتما.
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، سۆيگەنىمنى ئۇنۇتما،
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، كۆيگەنىمنى ئۇنۇتما.
ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،
چىن يۈرەكتىن ئارزۇ قىلغان ئەتىلەرنى ئۇنۇتما