编曲 : aMRulla-NuRmamaT
سۆيگۈنۈم سەندۇر ئەي گۈزەل قىزچاق,
مۇشۇ باغلارغا يەنە كىلەمسەن,
كۆيىمەن ساڭا ، كۆيەمسەن ماڭا,
كۆيگۈنۈمنى يار سەنمۇ بىلەمسەن,
سېغىنىپ سىنى بارسام يىنىڭغا,
تاشلىدىم سېنى كەچتىم دېمەسسەن,
شۇنچە ئازاپقا قويدۇڭ سەن مىنى,
تارتقان دەرتلەرنى سەنمۇ بىلەمسەن,
تاڭلار سۈزۈلۈپ گۈللەر ئېچىلدى,
سىنىڭ بەختىڭمۇ گۈلدەك ئېچىلسۇن,
ئىككىمىز يۈرگەن ئايدىڭ كېچىلەر,
ئايرىلساقمۇ يار يادىڭدا بولسۇن。