ئاپپاق ئايدىڭ كېچىدە ئانا
كۆككە قاراپ خىيال سۈرەمسەن
سۈرىتىمنى بېسىپ باغرىڭغا
ئۈنسىز سۆزلەپ يۈرەمسەن .
كىملەرنىدۇر ئوخشىتىپ ماڭا .
خاتا تونۇپ تۇرۇپ قالامسەن .
لاي كوچىدا قالغان ئىزىمغا
سېغىنىشتىن يىغلاپ سالامسەن
كەچۈر مېنى ئەي ئۇلۇغ ئانا
سېغىنىدۇ سېنىمۇ بالاڭ .
بىر يۈرەكنى مىڭ پارە ئەيلەپ
يىغلىمىغىن يەنە جان ئانا