
作词 : MuradMehmud
作曲 : MuradMehmud
编曲 : MuradMehmud
گۈل خۇمار
مۇزىكىسى:مۇراد مەھمۇد
تېكىستى:مۇراد مەھمۇد
غەمگۈزارىم ئىدى كۈن نۇرىغا تەلپۈنگەندە
ئۆتمۈشكە ئايلاندى پورەكلەپ ئېچىلغاندا، گۈل خۇمار
نېمە ئۈچۈن ئۈندىمەي كېتىدۇ ئايدىڭدا بىگانە
ئۆزۈم ئويناپ قالدىم يىگانە
ئېچىلماستا ئىدى ھاياتىمدا گۈلخانە
مەست بولۇپ يۈرەتتىم ھىدىدا گويا سەبىي پەرۋانە
ئېلىپ كەتتى يۈرۈكۈمنى مەن قالدىم پىراقىدا بىچارە
يىراقلاردا كۈتۈپ دىلخەستە
ياڭرىتاي دەردىڭدە پىغانلار كۈيى
ئاڭلاپ قايتىپ كەل يانغىن بىر كۈنى
مەرغۇلسىز جۇلا ئۇرماس مۇقام كۈيى
سېنىڭسىز رەڭدار بولماس ئىشق بېغى
قىزغىنار رەيھانمۇ ئۇز نازىنى كۆرگەندە
جۈپ بولۇپ تولغىنار ئاي - يۇلتۇز خۇش ناۋايى ئەيلىسە
بىغۇبار قەلبىدىن تامچىسا رەنا شەبنەم غۇنچىسى
ئەللەي ئېتۇر باھار ئەلچىسى
ياڭرىتاي دەردىڭدە پىغانلار كۈيى
ئاڭلاپ قايتىپ كەل يانغىن بىر كۈنى
مەرغۇلسىز جۇلا ئۇرماس مۇقام كۈيى
سېنىڭسىز رەڭدار بولماس ئىشق بېغى
ھىجراندا ئۆرتىنەر سازىم تارىسى
گۈل خۇمارغا ھەمراھ تۈن نالىسى
مەرغۇلسىز مەۋج ئۇرماس مۇقام كۈيى
سېنىڭسىز رەڭدار بولماس ئىشق بېغى