作曲 : imamjan rihim
编曲 : imamjan rihim
كۆنۇپتىمەن يالغۇز ياشاشقا،
بىر نۇقتىغا غەمكىن قاراشقا،
خىياللىرىم شۇنچىلىك مەيۈس،
تاقىتىم يوق ئەمدى چىداشقا.
يامان ئىكەن كۆنۇش،كۆيۈشتىن،
روھى ئۆلۇش ھايات يۈرۈشتىن،
چېنىپ قالدى كۈلەي دىسەممۇ
تويۇپ كەتتىم يالغان كۈلۈشتىن.
كەچۈر گۈلۈم كەچۈرگىن مىنى
ئۇنتۇپ كىتەي ئەمدى مەن سىنى
كۆتۈرەلمىدىم ھىجران ئوتۇڭنى
ئۈزىلدى بەس ھايتنىڭ دىمى
تىكىست تەھىرلىگۈچى:دىلشات روزى