作词 : Azmat ahmat taran
作曲 : izhar-Muhtar
编曲 : Nurshat Dilshat
جاناننى كۆرمىكىم تەستۇر
كۆزۈم كۆزۈمگە ئۆچ بولدى
ئۇنىڭسىز كۈنلىرىم غەشتۇر
ئۆزۈم ئۆزۈمگە ئۆچ بولدى
قايان كەتتى يىڭى ھىسلار
كۈنۈم كۈنۈمگە ئۆچ بولدى
تىلىم بوغدى سىغىنىشلار
ئۈنۈم ئۈنۈمگە ئۆچ بولدى
تۆكۈلدى بەرگىسى ئاخىر
گۈلۈم گۈلۈمگە ئۆچ بولدى
سائەتلەپ ئۇيقىسىز يۈردۈم
تۈنۈم تۈنۈمگە ئۆچ بولدى
ماڭا ھەمرا پەقەت تۆت تام
ئۆيۈم ئۆيۈمگە ئۆچ بولدى
ئۆزۈمگە تىتىماس ناخشام
كۈيۈم كۈيۈمگە ئۆچ بولدى