
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
ئاۋامنىڭ پەخرى سىز ئابلىمىت ئاكا،
سەنئەتكە مىننەتسىز تۆھپىلەر قوشقان،
يۈرۈڭقاش بويىدا ياڭرىتىپ ناۋا،
ئەلنەغمە كۆيىدە ئەلگە تونولغان،
ناخۇلدا تاۋلانغان بارماقلىرىڭىز،
تەمبۇرنى تىترىتىپ لەرزىگە سالار،
سىز چالغان تەۋەرۈك ئەجەم مەرغۇلى،
سازخۇمار دوستلارنىڭ كۆڭلىنى ئالار،،
گۈللەرنىڭ شەيداسى باغلاردا بۇلبۇل،
سايرايدۇ سىز ئېتقان ناخشىغا يانداش،
ئاشتىڭىز ھاياتتا ئاتمىش داۋاندىن
، روھىڭىز مەردانە سىز تىخى ياپياش،
قەدىرلەپ ساقلايدۇ نامىڭىزنى ھەم،
ھەرزامان ھەرجايدا ئاتەش يۈرەكلەر،
سەنئەتتە چاقنىغان ھاياتىڭىزغا،
يار بولسۇن بىباھا ئالى تىلەكلەر،