
作曲 : Nijat-Rixat
编曲 : Tursunjan Ebrayim
ئورۇن بەرگەن ئەمەسمۇ
يۈرەگىنىڭ قېتىدىن
ئۇلۇغلىنار ھەر قاچان
ئانا دېگەن ئېتىدىن
ئورۇن بەرگەن ئەمەسمۇ
يۈرەگىنىڭ قېتىدىن
ئۇلۇغلىنار ھەر قاچان
ئانا دېگەن ئېتىدىن
بىر قولىدا دۇنيانى
بۆشۈكنىمۇ تەۋرىتەر
ئانىلارنىڭ تۆھپىسى
ئۆچمەس تارىخ بېتىدىن
قوغدايدۇ ئۆز بالىسىنى
ئۇلار قۇرغان ئەمەسمۇ
ساداقەتكە ۋاپاغا
قەلبى تولغان ئەمەسمۇ
تۇنجى قېتىم تىل چىقىپ
ئانا دېگەن چېغىڭدا
ۋىسال قۇچىقان ئاشىقتەك
خۇشال بولغان ئەمەسمۇ
تۇنجى قېتىم تىل چىقىپ
ئانا دېگەن چېغىڭدا
ۋىسال قۇچىقان ئاشىقتەك
خۇشال بولغان ئەمەسمۇ
مۇزىكا
بۇ جاھان ئۆتنە جاھان
سەن بۇ گەپنى ئۇقۇپ قوي
ئاناڭ كەتسە كەلمەيدۇ
كۆڭلىنى بىر ئۇتۇپ قوي
بالام دەپلا ئۆتكەچكە
بەل پۇتلىرى ئىگىلىدى
رازى بولسۇن شۇ ئاناڭ
پۇت قولىنى تۇتۇپ قوي
بالام دەپلا ئۆتكەچكە
بەل پۇتلىرى ئىگىلىدى
رازى بولسۇن شۇ ئاناڭ
پۇت قولىنى تۇتۇپ قوي
بالام دەپلا ئۆتكەچكە
بەل پۇتلىرى ئىگىلىدى
رازى بولسۇن شۇ ئاناڭ
پۇت قولىنى تۇتۇپ قوي
رازى بولسۇن شۇ ئاناڭ
پۇت قولىنى تۇتۇپ قوي