قاشىڭ قارا قاپقارا
كىمگە ئاتتىڭ قاشىڭنى
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە
ئايلاندۇردۇڭ باشىمنى
شەلىرىڭدە ئوينايمەن جىنىم خانلا
يارنىڭ يامان خۇمارى
بىزنىڭ باغدا ئاق ئالما
ئاق ئالمىغا تاش ئاتما
ئەسلى يارىڭ يىنىڭدا
باشقىلارغا قاش ئاتما
ئالما ئاتسام دەرياغا
لەيلىۋېلىپ چۆكمەيدۇ
ئەس-يادىم سەن بىلەن
باشقىلارغا كۆچمەيدۇ