دۇتتۇرۇم جىرىڭ جىرىڭ
ئىچىدە ماش بار ئىكەن
بىزنى كۆيدۈرگەن يارنىڭ
باغرىدا تاش بار ئىكەن
ئاخشام بادىم مەلەڭگە
ئاچاڭ قوپتى لەغمەنگە
لەغمىنىڭنى يىمەستىن
تۇيۇپ كەتتىم مەللەڭگە
لەغمىنىڭنى يىمەيمەن
ياغدا ئەتكەن لازاڭ يوق
سەندەك يارنى سۆيمەيمەن
بۇرۇنقىدەك پەيزىڭ يوق
دەرىت ئۈستىگە دەرىت قوشما
سىنى ئىزلەپ كەلگەنگە
تويغۇزامسەن جان يارىم
ساڭا كۆڭۈل بەرگەنگە
كۆرسەتمىدىڭ قاراڭنى
ئاخشام باسام مەھەللەڭگە
قاۋاپ كەتتى ئىشىتلىرىڭ
تاشنى ئاتسام چەللەڭگە