作词 : Merdan nuri
作曲 : Merdan nuri
编曲 : Merdan nuri
كۈتۈش
ئولتۇرىمەن خانەمدە جىمجىت
ھەمراھ قىلىپ خىياللىرىمنى
مەندىن يىراق خۇشاللىق ھامان
ئېيتارىم يوق ئازاپلىرىمنى
باغلىرىمدا توزىغان باھار
خاتىرەمدە يىرتىلغان ئۆتمۈش
يۈرۈگۈمدە ئۆكسىگەن بىركۈى
كۆزلىرىمدە ئۈمۈدسىز كۈتۈش
ئاھ كەينىمگە قارىدىم يەنە
ئوينىماقتا ئەركە ئوماق قىز
قوللىرىنى سۇنار ئاسمانغا
ئاسماق بولۇپ بوينىغا يولتۇز
ئەمما قۇرۇق يانار قوللىرى
ئېرىشكىنى قاباھەتلىك چۈش
كۆزلىرىنى تىكىپ ئاسمانغا
داۋام قىلار ئاھ سوغۇق كۈتۈش