ماڭا ئوتتەك كۆيگەنمۇ ئۆزۈڭ
مېنى تويماي سۆيگەنمۇ ئۆزۈڭ
مېنى تاشلاپ كەتكەنمۇ ئۆزۈڭ
چىن ئەقىدەم سەندە قالدى
ئازابلىرىڭ مەندە قالدى
يۈرەكلىرىم دەرتە ياندى
يۈرەكلىرىم دەرتە ياندى جانان
قايدا سەن جانان
ئىزلەيمەن سېنى
ئەسلەيمەن سېنى
نۇر چىرايىڭ ئالدىمدا
شېرىن سۆزۈڭ يادىمدا
ئوتلۇق كۈيۈڭ سازىمدا جانان
ئىزلەيمەن سىنى
ئەسلەيمەن سىنى