
作曲 : GAGA
گۈلزاردا كېپىنەك سەيلانە كۆڭلۈم
بۇلبۇلغا غەزەلخان مەستانە كۆڭلۈم
سۆيگۈ دەپ پىنھاندا يۈرەك يىغلىدى،
يارغا ياماشتى مەردانە كۆڭلۈم
بىر جاننىڭ ئىچىدە مىڭ جان بار دېدى
ھەرجاننىڭ ئىچىدە گۈلزار بار دېدى
گۈلزارنىڭ ئىچىدە جانان بار ئىدى
ئىشققا گول بولدى يىگانە كۆڭلۈم
كۆزۈم ياش دىلىمدا قوزغالدى ھەسرەت
قەلبىمدە يامرىدى ئالەمچە نەپرەت
بەزلىدىم ئۆزۈمگە سۆزلەپ نەچچە رەت
زار بولۇپ سۆيگۈگە ئاغرىدى كۆڭلۈم
سۆيگۈ دەپ پىنھاندا يۈرەك يىغلىدى
يارغا ياماشتى مەردانە كۆڭلۈم