
作词 : Elham Emam
作曲 : Elham Emam/Karkax/GAGA
تىلەپ كەلسەم بىر ياخشى تىلەك
قەلبىم مىنىڭ ساڭا يار يۆلەك
مىھىر بىلەن يۇغۇرۇلغان كۆڭلۇم
كۇتۇرۇلدى ئاسمانۇ پەلەك
كۆڭۇل ئاددى ئىدى مەندىكى
باشقا ئىنسان نىمە غەمدىكى
تەنھالىققا كۆنگەن كۆڭۇلنى
ئىزدەپ باققىن زادى نەدىكى
ئۆتمۇش ئەمدى قايتىلانمايدۇ
كۆيگەن ئوتلار ئۆچسە يانمايدۇ
مۇھەببەتكە تەشنا بۇ كۆڭلۇم
يا ئىككىگە پارچىلانمايدۇ.
ياخشىلىققا بىرىدۇ جاۋاپ
يامان بولساڭ قويىدۇ ساۋاپ
يامانلىقتا ئۆتمىسۇن ئۆمرۇڭ
باشقىلارنىڭ ئىشىكىدە قاۋاپ
باشقىلارنىڭ ئىشىكىدە قاۋاپ