
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
كىچە ئىدى تۈن كىچە ئىدى،
شۇ كىچىدە ئاۋاز ئاڭلاندى.
مەھمۇت كەتتى دىدى شاماللار،
بۇھەسرەتتىن يۈرەك داغلاندى.
بۈركۈت كەتتى دىدى تاغلارمۇ،
بۇلبۇل قېنى دىدى باغلارمۇ.
جىق سۆزلۈرۈم باتتى ئېيتارغا،
ئەمدى ئېيتسام ئۇستاز ئاڭلارمۇ.
سەنئەتتە بىر يولباشچى ئىدىڭ،
بەكمۇ كەمتەر بىر سىرداش ئىدىڭ.
سەن ياش ئىدىڭ تېخى ياش ئىدىڭ،
سەنئەت ئۈچۈن ئالدىراش ئىدىڭ.
ئۇنتۇلمايدۇ سەن ئېيتقان كۈيلەر،
شۇ كۈيلەرنى ئەۋلاتلار ئۈنلەر.
سەن كۆمۈلدۈڭ ئەلنىڭ قەلبىگە،
چىچەكلەيدۇخانەڭدە گۈللەر.