
作词 : 阿不来提·司马义
作曲 : 艾则孜·买买提
编曲 : Nurmammat-Keyum
配器:努尔买买提·克尤木
ياتتىم بۈگۈن ئارمان بىلەن
يىغلاپ قۇچاقلاپ قەبرىڭىز
نادان چېغىم بىلمەپتىمەن
ئەجەب ئۆتۈلدى قەدرىڭىز
ھو دادام ئالتۇنۇم دادام
زېمىستاندا چوغ يالقۇنۇم دادام
بولسا ھايات كۆرسەم دېدىم
مەڭزىگە بىر سۆيسەم دىدىم
كەتمەندە قاتقان قوللىرىنى
كۆزۈمگە بىر سۈرسەم دېدىم
ھو دادام مېھمىنىم دادام
تومۇزدا سايە سالقىنىم دادام
خاماندا قاپتۇ ، ئارىڭىز
ئېتىزدا سۆرەم ھارۋىڭىز
سۇغا چىلاپ يەپ زاغرىنى
بىزنىڭ بولۇپتۇ بارىڭىز
بولسىمۇ تاغدەك جەۋرىڭىز
بارئىدى چىدام سەۋرىڭىز
چۆلەرنى بوستان ئەيلىگەن
سىزنىڭ مېھنەت پاك تەرىڭىز
ھو دادام تۈۋرۈكۈم دادام
ھەر جايدا ھەمراھ يۆلۇكۇم دادام
ھو دادام پالۋىنىم دادام
دەردىمگە دەرمان ئارمىنىم دادام