作词 : Muratjan Muhtar(Nahil)
作曲 : Ablikim Ablet
جىلۋە قىلىپ خۇش نازىڭدا
چەككەن ئىدىڭ دىل تارىمنى
كۆيدۈم ساڭا شۇندىن بايان
ھەم ئاتىدىم بارىمنى
ۋەدىلىرىڭ دىلغا ئارام
گۈزەل بولغىن ۋاپايىڭدا
سەندىن كەچمەس كۆيگەن يۈرەك
ھەمرايىڭ مەن جاپايىڭدا
تەسەللى بول مىھرىڭ بىلەن
بوينۇمغا تۇمار قىلاي
ساداقەتتە سۆيگىن مىنى
بەختىڭگە جانلار بىرەي