
作词 : Yakupjan Yasin
作曲 : Reyimjan-Abdukeyum
编曲 : Tursunjan Ebrayim
سۆزلىرىم كۆپ ساڭا دەيدىغان
دەردىم تۇلا سەن بىلمەيدىغان
سېغىنمىدىم دەيسەن ناز قىلىپ
يۈرۈگۈڭ تاشمۇ سېغىنمايدىغان
يۈرسەممۇ گەر ۋىسال كۇيىدا
نىشانىم بار سۆيگۈ يۇلىدا
خار بولمايمەن نامەرىت قۇلىدا
ئۈزۈم ئاشىق يېلىنمايدىغان
چۈشەندۈرسەم قەلبىمنى شۇنچە
چۈشەنمىسەڭ ئامالىم قانچە
مىنى تەتۈر قىينىما بۇنچە
بولساڭمۇ گەر تېپىلمايدىغان
باغلىرىمغا سەنسىز كۈز كىلەر
ھىجرانلاردا يۈرەك ئۆرتىنەر
سەن سۆيمىسەڭ سۈيەر ئۆزگىلەر
گۈل ئەمەسمەن ئېچىلمايدىغان